ياراتقۇچىمىزنىڭ ئوز كالامىدا كورسەتكەن ھەققانى بولۇشنىڭ يولىنىڭ نىمىلىگىدىن ھەرقايسى ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنى خەۋەردار قىلىش، ئۇنىڭ ئىنسانىيەت ئۇچۇن ئاتا قىلغان خۇشاللىق خەۋىرىنى قەدىردان قېرىنداشلىرىمىزغا يەتكۇزۇش، بۇنىڭ بىلەن ياراتقۇچىمىزنىڭ ھەققانى-ئادىل بولغان مىھرى-مۇھابەتكە تولغان، پاك-مۇقەددەس، قۇدرەت- ھىكمەتلىك، گېپىدىن يانمايدىغان خۇدا ئىكەنلىگىنى نامايەن قىلىپ، ياراتقۇچىمىزنىڭ نامىنى ئۇلۇقلاش----بۇ بولسىمۇ بىزنىڭ مانا بۇ پىراگىراممىلارنى ھەرقايسىڭلارغا تەقدىم قىلىشىمىزدىكى مەخسىتىمىزدۇر.
توۋەندىكى 6 تۇرلۇك رادىيول پىراگىراممىمىزنى دىققىتىڭىزگە سۇنماقچىمىز، ئاڭلاشنى خالايدىغان پىراگىراممىمىنى تا6لاپ ، بېسىڭ
ھەققانى بولۇشنىڭ يولى ناملىق بۇ پىراگىرامىمىز بولسا، ياراتقۇچىمىزنىڭ كالامى-تەۋرات ھەم ئىنجىلدا خاتىرلەنگەن پەيغەمبەرلەر ھەم ئۇلارنىڭ ھايات سەرگۈزەشتىلىرىنى بايان قىلىش ئارقىلىق، خۇدانىڭ ئىنسانىيەت ئۈچۈن ئاچقان ھاياتلىق يولى---ھەققانى بولۇشنىڭ يولىنى تونۇشتۇرىدىغان پىراگىراممىدۇر.
| نومۇر | تېما | ||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||
|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|---|
| |||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||||
ھايات چىرىغى ناملىق بۇ پىراگىرامىمىز بولسا، خۇدانىڭ كالامى- ئىنجىلنى ئۈگىنىدىغان، ئايەتلەرنىڭ مەنىسى ئۈستىدە تەپسىلى ئىزدىنىدىغان پىراگىراممىدۇر. مۇقەددەس كىتاپ: « ئىمان- خۇدانىڭ كالامىنى ئاڭلاشتىن كېلىدۇ. » -دەپ تەرىپلەيدۇ. ئەگەر سىز ياراتقۇقىمىزنى خۇرسەن قىلىدىغان ئەنە شۇ ئىمان ئىگىسىدىن بولۇشنى خالىسىڭىز، قېنى بىز بىلەن بىرگە ئىزدەنگەيسىز.
ئۈمىت يۇلتۇزلىرى ناملىق بۇ پىراگىرامىمىز بولسا،ئەيسا مەسىھ ئېتىقادىدىكى ئۈمىدۋار ھاياتنى تەرىپلەيدىغان پىراگىرامما بولۇپ، بۇ پىراگىراممىدا بىز ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئادەتتىن سىرت بولغان ئېتىقات گۇۋالىقلىرىدىن سىزنى خەۋەردار قىلماقچىمىز. ئەگەر سىز ئەيسا مەسىھنىڭ سىزنىڭ ھاياتىڭىزدا كۆرسىتەلەيدىغان مۆجىزىلىردىن خەۋەردار بولۇشنى خالىسىڭىز، چوقۇم پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي پىراگىراممىمىزغا قەدەم تەشرىپ قىلغايسىز.
ئىبرەتلىك ھېكايىلەر ناملىق بۇ پىراگىرامىمىز بولسا: ھېكايە ھەم چۆچەكلەر ئارقىلىق، ياراتقۇچىمىزنىڭ ھەقىقەت- ھايات پرىنسىپلىرىنى چۈشەندۈرىدىغان پىراگىراممىدۇر.
رەبنى مەدھىيلەيلى ناملىق بۇ پىراگىرامىمىز بولسا، ناخشا مۇزىكىلار ئارقىلىق ياراتقۇچىمىزنىڭ ھوزۇرىغا قەدەم قويۇپ، قەلبىمىزدىن ئۇرغۇپ چىققان تەشەككۈرلىرىمىزنى ياراتقۇچىمىزغا يەتكۈزىدىغان، ئۇنىڭ ئىممەت رەھمەتلىرىنى، مېھرى مۇھەببىتىنى كۈيلەپ، ئۇنىڭ نامىنى ئۇلۇغلايدىغان، ئۇنىڭغا دۇئا- تىلاۋەت قىلىدىغان پىراگىرامما بولۇپ، ئەگەر سىز ياراتقۇچىمىزنىڭ ھۇزۇرىدىن كېلىدىغان خۇرسەنلىك، شات-خوراملىقنىڭ لەززىتىنى تېتىماقچى بولسىڭىز، قېنى مانا بۇ پىراگىراممىمىزغا قەدەم تەشرىپ قىلىپ كۆرگەيسىز.
22 خۇدا ئادەملەرنى ئۇلارنىڭ ئەيسا مەسىھكە بولغان ئېتىقادى ئارقىلىق ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلايدۇ. خۇدا ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغان ھەممە ئادەمگە شۇنداق مۇئامىلە قىلىدۇ، بۇ يەردە ئايرىمىچىلىق يوقتۇر. 23 چۈنكى، ھەممە ئادەم گۇناھ سادىر قىلىپ، خۇدانىڭ ئىنسانلارنى ياراتقاندا ئاتا قىلغان شان-شەرىپىدىن مەھرۇم قالغان. 24 لېكىن، خۇدا بىزگە مېھىر-شەپقەت كۆرسىتىپ، بىزنى بەدەلسىز ھالدا ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلىدى. بۇ، ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. چۈنكى، ئۇ بىزنى گۇناھنىڭ قۇللۇقىدىن ئازاد قىلدى. 25 خۇدا ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن، ئۇلارنى جازالاشنىڭ ئورنىغا، ئەيسا مەسىھنى قۇربان بولۇشقا ئەۋەتىپ بەردى. ئەيسا مەسىھنىڭ كرېستتە ئاققۇزغان قېنى ئارقىلىقلا، خۇدا ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغانلارنى ئۆزى بىلەن ياراشتۇردى. خۇدا ئەيسا مەسىھنى قۇربان بولۇشقا ئەۋەتىش بىلەن، ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى زاماندىكى كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرىغا سەۋر-تاقەتلىك بولۇپ، ئۇلارنى دەرھال جازالىمىغانلىقىنىڭ ئادىللىق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. چۈنكى، ئەيسا مەسىھ ئۇلارنىڭمۇ گۇناھلىرى ئۈچۈن قۇربان بولدى. 26 مانا ھازىرمۇ خۇدا يەنە ئۆزىنىڭ ئادىللىقىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ. چۈنكى، ئىنسانلار گۇناھكار بولسىمۇ، ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغانلىقى ئۈچۈن، خۇدا ئۇلارنى يەنىلا ئادىللىق بىلەن كەچۈرىدۇ.
رىملىقلارغا يېزىلغان خەت، 3- باپ 22-26 ئايەتلەر
تۆۋەندىكى ئوخشىمىغان ۋاقىت، ئوخشىمىغان ئورۇندا، ئوخشىمىغان مەزمۇنلاردا ئاڭلىتىش بېرىمىز.
ۋاقتى: دۈشەنبىدىن جۈمەگىچە، ھەر كۈنى شىنجاڭ ۋاقتى 18.00دىن 18.30 گىچە ئورنى : قىسقا دولقۇن 19م 15565كھز.
ۋاقتى :دۈشەنبىدىن جۈمەگىچە، ھەر كۈنى شىنجاڭ ۋاقتى 16.30 دىن 17.00 گىچە . ئورنى : قىسقا دولقۇن 25م 11935كھز.
ۋاقتى : دۈشەنبىدىن جۈمەگىچە، ھەر كۈنى شىنجاڭ ۋاقتى :22.15 تىن 22.45 كىچە. ئورنى : ئام 1467
ۋاقتى : ھەر كۈنى شىنجاڭ ۋاقتى 20.00 دىن 20.30 كىچە. ئورنى : قىسقا دولقۇن 31م 95000كھز
ئەگەر سىزنىڭ پىراگىرامىمىزنىڭ مەزمۇنىغا ئائىت بولامدۇ، ياكى ھەقىقەت يولىدا خۇدا يولىدا ئىزدىنىش جەريانىدا بولامدۇ، سورايدىغان سوئالىرىڭىز، دۇچكەلگەن مەسىلىلىرىڭىز بولسا، بىزنى تۆۋەندىكى ئادرىس بويىچە خەۋەردار قىلسىڭىز، بىز سىز بىلەن بىرلىكتە ئىزدىنىشنى، دۇئا تىلەكلىرىمىزدە سىزنى يۆلەشنى چىن كۆڭلىمىزدىن خالايمىز. ئېسىڭىزدە بولسۇن---سىز خۇدا ئۈچۈن بىباھا قىممەتلىكتۇرسىز، بىز ئۈچۈنمۇ شۇنداق!. ئادرىسىمىز:
info@uyghur-radio.orgقەدىرلىك مىھمان، يەقىندا تور بېتىمىزنى كېڭەيتىپ "Yengihayat.com"، ناملىق تور بېتى قۇرۇپ چىقتۇق،. بۇ تور بېتىمىزدە فىلىملار، مەدھىيە ناخشا- مۇزىكىلىرى، ھەقىقەت يولىغا ئائىت كىتاپچىلار، گۇۋانامىلار، مۇقەددەس كىتاپنىڭ يازمىسى ھەم ئاۋازغا ئىلىنغىنى بار، ئۇنى پايدىلىنىشىڭىزغا سۇنىمىز.
Yengihayat.com